Riz | Mount Roskill, Auckland

.يېڭى زىللاندىيىگە كەلگەندىن بېرى مەن نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغا دۈچ كەلدىم

.ئۇلارنىڭ بىرى، يەنى كۆپچىلىكىمىز دۈچ كېلىدىغان قېيىنچىلىقلارنىڭ بىرى تىل جەھەتتىكى قىيىنچىلىق 

دەسلەپكى مەزگىللەردە مۇئەللىمنىڭ دەرسلىرىنى چۈشىنەلمەسلىك، يېتىشەلمەسلىك، ساۋاقداشلىرىم بىلەن بىرگە دەرس ۋاقتىدا پىكىر قاتناشتۇرالماسلىق قاتارلىق نۇرغۇن توسالغۇلار بولدى

.گەرچە مەن ئېلتىس ئىمتىھانىدا يۇقىرى نومۇر ئېلىپ كەلگەن بولساممۇ، لېكىن ئەمەلىيەتتە يەنىلا ئېنگىلىز تىلىدا شۇنچىلىك قىينالدىم

.تاپشۇرۇقلارنى ۋاقتىدا تاپشۇرالماسلىق، ھەتتا ئىشلىيەلمەسلىكتەك قىيىنچىلىقلار بولدى

لېكىن، داۋاملىق تىرىشىش، سۆزلۈكلەرنى ئۈگىنىش، قايتا-قايتا تەكرار قىلىش، تاپشۇرۇقلارنى قىيىن كەلگەن بولسىمۇ، ئاخىرغىچە ئەڭ ياخشى شەكىلدە تاپشۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە كۈچ چىقارغانلىقىم ئۈچۈن ھازىر ئېنگىلىز تىلىدا خېلى يۇقىرى سەۋىيىگە يەتتىم، خىزمەتلەردە ئىلگىرلىدىم

.مەن مۇشۇ تىل جەھەتتىكى قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش جەريانىدا شۇنى ھىس قىلدىمكى، بىز چوقۇم ئۈمۈدۋار بولۇشىمىز كېرەككەن

.ئۈمۈدۋار بولغاندا ئادەم ئۆزىنىڭ روھىي كەيپىياتىنى ياخشى ساقلىيالايدىكەن

.ئۇندىن باشقا يەنە پىلانلىق ئىش قىلىش كېرەككەن

.يەنى ئۈگىنىش جەھەتتە ئۆزىمىزگە قايسى ئۈگىنىش ئۇسۇلى ماس كېلىدۇ شۇنى تېپىشىمىز كېرەككەن

.ئۇندىن كېيىن تىل ئۈگىنىش جەھەتتە يەنە چوقۇم سۆزلىشىش كېرەككەن

خاتالىق ئۆتكۈزسەكمۇ ئۇنىڭدىن قورقماي، خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قالارمەنمىكىن دەپ ئۇنىڭدىن ئۆزىمىزنى تارتماي، چوقۇم داۋاملىق سۆزلەش، يەنى قىيىنچىلىققا قارىتا ئۆزىمىزگە رىقابەت ئېلان قىلىشىمىز كېرەككەن

مەن يېڭى زىللاندىيىگە كېلىشتىن بۇرۇن ۋەتەندە خىزمىتىم بار ئىدى، لېكىن داۋاملىق ئۆرلەپ ئوقۇش ئارزۇيۇم بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۆيدىكىلەر بىلەن مەسلىھەتلىشىپ ئاسپىرانتلىقنى چەتئەلدە ئوقۇشقا قارار ئالدۇق

.بىر قانچە يىل تىرىشىش ئارقىلىق 2010 – يىلى فېۋرالدا يېڭى زىللاندىيىگە ئاسپىرانتلىق ئوقۇشقا كەلدىم

.شۇندىن بېرى مەن يېڭى زىللاندىيىدە ياشاۋاتىمەن

يېقىن كەلگۈسىدە ئانام، قېرىنداشلىرىم، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىم، دوست -بۇرادەرلىرىم بىلەن نورمال ئالاقە قىلىشىمنى، ئۇلار بىلەن نورمال باردى-كەلدى قىلىشىمنى ئۈمىد قىلىمەن

ئۇندىن باشقا بۇرۇن ئوقۇغانلىرىمنىڭ، كەلگۈسىدە ئوقۇماقچى بولغانلىرىمنىڭ كەلگۈسىدە ۋەتەن، خەلق ۋە جەمئىيەت ئۈچۈن بىر كىشىلىك تۆھپەمنى قوشۇشۇمغا دەستەك بولۇشىنى، ماڭا شۇ پۇرسەتنى يارىتىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن

Translated:

“I have had many challenges since I came to NZ. One of them, most of us face, was English language. In the beginning, I could not catch up with classes, could not understand lecturers and could not participate in class discussion.

Although I gained high scores in IELTS exam, I still had many difficulties in language. Sometimes I could not submit assignments on time. But, because I kept trying, learning vocabulary, reviewing, previewing, and tried to submit tasks in the best way possible, consequently, I have mastered English and have seen its positive results in employment as well. 

From the challenges in English language learning, I learned that we need to stay positive. This helps us maintain a good mental wellbeing as well.

We also need to have a good plan. For example, we need to find the study style that suits us. We must also practice speaking. We shall not refrain ourselves from practising speaking even if we may make lots of mistakes, we shall not be afraid of making mistakes, instead we need to take it as a challenge and keep trying.

I had a full-time job before I came to NZ, but I always wanted to pursue further study, so after taking to my family, we decided I shall pursue master’s study abroad. After several years of effort, I came to NZ in Feb 2010 for a Master’s study. Since then I have been living in NZ. 

In the short future, I would like to be able to resume normal communication and visit with my mother, siblings, relatives and friends back home.

I would like to contribute to society through the knowledge and skills I have gained from my previous and upcoming study.”

What, if anything, have you done differently after visiting this site?

Related Stories

Stay up to date!

Join our mailing list to receive the latest videos and updates from our team.

You have Successfully Subscribed!